سەن ۋە مەن -你和我-文本歌词

سەن ۋە مەن -你和我-文本歌词

白百依
发行日期:

作词 : 无
作曲 : 无
سەن ۋە مەن
ئورۇنلىغۇچى : چىمەنگۈل ئابلىز
ناخشا تېكىستىنى ئىشلىگۈچى : نۇرمۇھەممەت ئۆمەر
جانىم نەدۇر ئاق بۇلۇت
سۆزلەرىمگە قۇلاق تۇت
ئۇ بىر تاشقىن دەريادۇر
سۈزۈك ئاسمان گۈۋاھدۇر
باغرى كەڭرى ئاق بۇلۇت
نەدۇر  مۆجىزە جانىم
سەن بىلەندۇر ئارمانىم
بىزنىڭكى پۈتۈن ئالەم
ئەسلىدە خىيال قىلسام
شۇدۇر مۆجىزە جانىم
سەنسىز باھار مەس باھار
ھەتتا قۇياش دىل - ئازار
ھىجراندا ئاھىم ئارا
تۈنلەرىم … بىدار …
سەن بولساڭچۇ يانىمدە
سەن بولساڭچۇ يانىمدە
مەندىن بەخىتلىك ئادەم يوق
پۈتۈن … ئالەمدە …
سەن بولساڭچۇ يانىمدە
سەن بولساڭچۇ يانىمدە
مەندىن بەخىتلىك ئادەم يوق
پۈتۈن … ئالەمدە …
جانىم مەن نەدۇر ئاسمان
كۆزلەرىڭدۇر مىھرىبان
بېقىشىڭ جانگە ئاپەت
ئۇندىن يوقتۇر ھالاۋەت
ئەنە شۇ ئەسلى ئاسمان
نەدۇر مۆجىزە جانىم
سەن بىلەندۇر ئارمانىم
بىزنىڭكى پۈتۈن ئالەم
ئەسلىدە خىيال قىلسام
شۇدۇر مۆجىزە جانىم
سەنسىز باھار مەس باھار
ھەتتا قوياش دىل - ئازار
ھىجراندا ئاھىم ئارا
تۈنلەرىم … بىدار …
سەن بولساڭچۇ يانىمدە
سەن بولساڭچۇ يانىمدە
مەندىن بەخىتلىك ئادەم يوق
پۈتۈن … ئالەمدە …
سەن بولساڭچۇ يانىمدە
سەن بولساڭچۇ يانىمدە
مەندىن بەخىتلىك ئادەم يوق
پۈتۈن … ئالەمدە …
سەن ۋە ئىككىمىز گويا
باھاردىكى گۈل - رەنا
ھەتتا ياشنار قىشلاقىم
ساڭا ئاچار قۇچاقىم
ئەنە شۇ سەن ۋە مەن
ئەنە شۇ سەن ۋە مەن
ئەنە شۇ سەن ۋە مەن